يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك جۇڭخۇا ئېلېكتىرون كارخانىلىرىنىڭ داڭلىق ماركىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ۋە داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى ئالىي مۇنبىرىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرى قۇرغان ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ئىشلەيدىغان كارخانىلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە بۇ مۇراسىمغا قاتناشقان «ئېرپان» شىركىتىنىڭ «ئېرپان» تاۋار ماركىسى 429 مىليون يۈەنلىك قىممەت بىلەن جۇڭخۇا ئېلېكتىرون سودا جەمئىيىتى ۋە جۇڭخۇا تاۋار ماركا ئىستىراتېگىيەسى تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن «2011-يىلىدىكى جۇڭخۇا ئاز
سانلىق مىللەت ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قىممىتى 1-ئورۇندا تۇرىدىغان ماركا» دېگەن شان-شەرەپكە ئېرىشتى
ئىگىلىشىمچە، بۇ «ئېرپان» شىركىتىنىڭ يېقىنقى تۆت يىل مابەينىدە 3-قېتىم بۇنداق كاتتا شان-شەرەپكە ئېرىشىشى بولۇپ، «ئېرپان» ماركىسى 2008-يىلى «غەربىي رايوندىكى داڭلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى تاۋار ماركىسى» ۋە 2010-يىلى «جۇڭخۇا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى ئون چوڭ ئىجادىي كۈچكە باي ماركا» دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن
ئىرپان ئېلېكترون چەكلىك شىركىتى زور شان-شەرەپكە ئېرىشتىيىغىندىن كېيىن شىركىتىمىز باش دىرېكتورى ئابدۇللا ئۆمەر مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
مەنبە: www.irpan.org
2012-01-04 11:17