|
|
|
|
|
مەملىكىتىمىز يەر تۈزۈلىشى ۋە دۆلەت بايلىقلىرىنى كۈزىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان «بايلىق 3- نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپىقىيەتلىك چىقاردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «بايلىق 3- نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ،تەييۈەن شەھىرىگە جايلاشقان سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن بوشلۇققا چىقىرىلغان.
«ئۇزۇن سەپەر -4» ناملىق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن سۈنئىي ھەمراھ، ئارىدىن 12 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن 500 كىلو مېتىر ئېگىزلىكتىكى يۆنۈلۈشىگە كىردى.
جۇغراپىيەلىك مەلۇماتلارنى توپلاش ئۈچۈن ئىنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى سۈرەتكە ئېلىش مەقسىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدىغان «بايلىق 3-نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ 2650 كىلو گرام ئېغىرلىقتا ئىكەن..
مەزكۇر راكىتا «بايلىق 3- نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھقا قوشۇپ،ليۇ كسېمبورگ كىچىك سۈنئىي ھەمراھىسىنىمۇ نىشانلانغان بوشلۇققا ئېلىپ چىقتى.
|
|
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ئۇچۇرلار