|
|
|
|
|
پائالىيەتكە غۇلجا شەھەرلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر ، ‹‹مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتى›› دىكى مېھرى ئاتەش، ساخاۋەتچى ئانىلار، خانىم–قىزلار ھەمدە بۇ ئۇلۇغ يولغا دادىل قەدەم تاشلاپ ، بۇ تەشكىلاتنى باشتىن ئاخىر قوللاپ– قۇۋۋەتلەپ ، سېخىي قولىنى سۇنۇپ كېلىۋاتقان يەككە تىجارەتچى ،كارخانىچىلار قاتناشتى . پائالىيەتتە غۇلجا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى رۇقىيەم سۆز قىلىپ ، ‹‹مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتى›› تەشكىللەنگەندىن تا ھازىرغا قەدەر ئىشلىگەن مەنىلىك ئىش–ئىزلىرىنى خۇلاسىلىدى شۇنداقلا ، باسقان ئىزىدىن گۈل ئۈنىدىغان پەرىشتە سۈپەت ئانىلارغا ئۆزىنىڭ ئالىي مىننەتدارلىقىنى ، چوڭقۇر ئىپتىخارىنى بىلدۈرۈپ ، ئۇلارنى مۇكاپاتلىدى .
خەلقىمىز ئەزەلدىن ئېسىل پەزىلەتلىك ، ئالىيجاناپ كىشىلەرنى ئەزىزلەيدۇ ، ھۆرمەتلەيدۇ ، ئۇلارنىڭ شەنىگە داستان ئوقۇپ، كۈيلەر قاتىدۇ . ياخشىلىق يولىغا قەدەم باسقان گۈزەل قەلب ئىگىلىرىنى قوللايدۇ ھەم ئۇلاردىن چەكسىز پەخىرلىنىدۇ. ‹‹مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتى›› قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ھەر ساھەنىڭ يېقىندىن قوللىشىغا ئېرىشتى ، ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى ، ھازىر بۇ قوشۇن زورىيىپ ، چاپچال ، نىلقا ، توققۇزتارا ، قورغاس ، غۇلجا ناھىيەلىرىگىچە كېڭەيدى . بۇ يىل ئاپرېلنىڭ ئاخىرىغىچە ، ‹‹مېھرىبان ئانىلار››نىڭ سانى 150 نەچچىگە ، ئۇلار ئوقۇتۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانى 184 كە يەتتى . ئۇلار ھازىر غۇلجىدىكى يېڭىيەر ، چەيلەڭزە ، ئاقتۆپە ، 4–باشلانغۇچ، 22–باشلانغۇچ، 29–باشلانغۇچ ، رۇس مەكتەپ ، 8–ئوتتۇرا ، 2–ئوتتۇرا قاتارلىق 10 مەكتەپتىكى 184 نەپەر ئوقۇغۇچىنى خالىسانە ئوقۇتۇۋاتىدۇ . بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، قازاق ، خۇيزۇ ، مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› جەمئىيىتى ئۇلارغا سېخىي قوللىرىنى سۇنۇپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىسىنى ياڭراتتى . بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنى ، جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
2006–يىلى 3–ئايدا قورغاس ناھىيەسىنىڭ داشۇگۇر ، لوسىگۇڭ يېزىلىرىدا تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ ، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىدى . بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› دەرھال تەشكىللىنىپ ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەر مىللەت ئاممىسىغا كىيىم–كېچەك ، نەق پۇل قاتارلىق ماددى بۇيۇملارنى ئېلىپ بېرىپ ، سەمىمىي كۆڭلىنى بىلدۈردى ؛ 2008–يىلى 5–ئايدا سىچۇەندە قاتتىق يەر تەۋرىگەندە ، ئاتا–ئانىسىز قالغان بالىلار ئۈچۈن 5000 يۈەن ئىئانە قىلىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بۈيۈك سېمفونىيەسىنى يەنە بىر قېتىم ياڭراتتى ؛ ھەممىمىزگە مەلۇم ، بۇ يىل فېۋرالدا ئىلى رايونىدا قار–يامغۇر ئاپىتى يۈز بېرىپ ، نۇرغۇن كىشىلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى ، بۇ ھايات–ماماتلىق پەيتلەردە ، قەلبى دېڭىزدەك چوڭقۇر ، ۋۇجۇدى قۇياشتەك ئىللىق مېھرى–مۇھەببەتكە تولغان ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلارغا 3200 يۈەن قىممىتىدىكى ئۇن ، ماي ، گۈرۈچ ، گۆش ، نان قاتارلىق يېمەكلىكلەر ۋە سۇلياۋ يوپۇق قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىپ ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ؛ يېقىندا ، يۈشۇ ناھىيەسىدە يەر تەۋرەپ ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ساخاۋەتچى ئانىلار ئۇلارغا 3000 يۈەن ئىئانە قىلىپ ، سەمىمىي تىلەكلىرى ، ئەمەلىي ياردىمى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى ؛ 2009–يىلدىن باشلاپ ، بۇ جەمئىيەتتىكى 18 نەپەر پېشقەدەم ئانا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن پىدائىي بولۇپ ، ئۇلارنىڭ غەم–ئەندىشىسىز ئوقۇشىغا يار–يۆلەكتە بولۇپ كەلمەكتە ؛ ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› نىڭ بىرى ، سۇغۇرتا شىركىتىدە ئىشلەيدىغان تاجىنىسا ئۆز يېنىدىن مەبلەغ چىقىرىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى كۆتۈرۈپ ، سەھەر ئاپتىپىدەك ئىللىق مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى . بۇ جەمئىيەت ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان ساخاۋەت ئىشلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سەرپ قىلدى.
ياخشىلارغا ناخشىلار تولا . بىز ئائىلىگە ، جەمئىيەتكە چوڭقۇر مەسئۇلىيەت ھەم ئىنسانىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، ئائىلىدە مېھرىبان ئانا ، جەمئىيەتتە خالىس تۆھپىكار بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەت ھەم ئۇلۇغۋار ئىشقا بارلىقىنى بېغىشلاپ ، مېھر–مۇھەببەتكە ، ياردەمگە تەشنا سانسىزلىغان گۆدەكلەرگە ئانىلىق مېھر–مۇھەببىتىنى بېغىشلىغان بۇ خۇشپۇراق گۈللەرنىڭ باھار پەيزىدە پورەكلەپ ئېچىلىپ ، گۈزەل ۋەتىنىمىزنىڭ ئىستىقبالى ، مەنىۋى تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنىمۇ ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە ، ھەممەيلەننىڭ خەيرلىك ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ ، چەكلىك ھاياتىنى چەكسىزلىككە ، قىممەتكە ، مەنىلىك ، تەسىرلىك ، گۈزەل ئەسلىمىلەرگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.



مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
|
|