شىنجاڭ خەۋىرى | مەملىكەت خەۋىرى | خالقئارا خەۋەر | غەيرى خەۋەر | تەنتەربىيەخەۋەرلىرى | دىلو-قانۇن | ئاۋازلىق ئەسەر | يۇمۇر-لەتىپە | بوشلۇق تورى
نەسىر-لىرىكا | شېئىر-قوشاق | ھىكايە-رومان | قىزىقارلىقلار | ئېتوتلار | MTV ناخشىلار | MP3 ناخشىلار | فىلەش ئويۇنلار | توربەت ياساش
پىلاستىنكا ئۇچۇرى | مۇنازىرە | سەنئەتكارلىرىمىز | مەشھۇرلىرىمىز | ئۆرۈپ-ئادەت | مەدىنىيەت | ئۆرۈپ-ئادەت | ئۆرۈپ-ئادەت | ئۆرۈپ-ئادەت
دىلو-قانۇن | ئائىلە-نىكاھ | سۆيگۈ-مۇھەببەت | بالىلارتەربىيىسى | مىللىي تىبابەت | رەسىم دۇنياسى | QQ رەسىملەر | ئۆرۈپ-ئادەتر | ئۆرۈپ-ئادەت


ئاجرىشىش ئالدىدىكى ھىسابات
يوللىغۇچى:3794160 : يوللانغان ۋاقتى:2010-6-18 23:25:44 : ئاۋاتلىقى:

                   

 

بىر كۈنى كەچقۇرۇن ، ئاجرىشىش ئالدىدا تۇرغان بىر جۈپلەر سۆھبەتلەشتى .
ئايالنىڭ ئالغىنى ........
ئايال يىغىدىن قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئەرگە تىكىپ بايا يىزىپ تەييارلاپ قويغان قەغەزنى ئەرگە سۇندى :
ئۈستەل چىرىغى – مەن ئالغان ؛
كىتاپ جازىسى – مەن ئالغان ؛
رەسىم رامكىسى – مەن ئالغان ؛
سائەت – مەن ئالغان ؛
ئورۇندۇق – مەن ئالغان ؛
يۇقارقى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەكىتىمەن .
ئەرنىڭ ئالغىنى ........
ئەر قەغەزدىكىنى كۆردى ئىختىيارسىز كۆزلىرىدە ياش لىغىرلىدى . ئۇ قولىغا قەلەم ئىلىپ ، قەغەزگە بىر نەرسىلەرنى يىزىپ ئايالىغا سۇندى :
يوتقان كۆرپە – ھەقسىز ؛
كىيىم ئىشكابى – ھەقسىز ؛
چايدان – ھەقسىز ؛
تېلېفۇن – ھەقسىز ؛
سىزگە سوۋغا قىلغان كىيىملەر – ھەقسىز ؛
سىزگە سوۋغا قىلغان گۈللەر – ھەقسىز ؛
سىزگە يازغان 200 پارچە خەت – ھەقسىز ؛
سانسىز قىتىم ئالغىلى بىرىش ، ئاپىرىپ قويۇش ، قۇچاقلاش ، سۆيۈش – ھەقسىز ؛
ھەمرا بولۇش ،ھالىڭىزدىن خەۋەر ئىلىش ،كۈتۈش – ھەقسىز ؛
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز .كۆتۈرۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ . سىزگە خوشاللىقتا، خاپىلىقتا بىرگە بولغىنىممۇ – ھەقسىز ؛
ھەممىسىنى قوشۇپ كەلسەك ، سىزگە بولغان چىن مۇھەببىتىممۇ - ھەقسىز ؛
بىزنىڭ .........
ئايالنىڭ ئەمدىلا توختىغان ياشلىرى قايتىدىن تاشتى . ئۇ بۇرنىنى تارتىپ ،بىشىنى كۆتۈرۈپ ئەرگە قارىدى :
- شۇڭا يازغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئەكىتىمەن ، سىزنىمۇ ...سىزنىمۇ قوشۇپ ئەكىتىمەن .
ئەر گەپ قىلماستىن يۈگۈرۈپ بىرىپ ئايالىنى بارىغا باستى ، خوشاللىقتىن قىن – قىنىغا پاتماي :
- مىنى ئەكىتىڭ ، پۈتۈن ھاياتىم سىزگە مەنسۈپ بولسۇن – دىدى .
شۇنداق ، مۇھەببەتنى ھىساپلىغىلى بولمايدۇ . ئاغرىنىشلىرىمىزنى چۆرۈپ تاشلاپ بىر – بىرىمىزنى مەھكەم قۇچاقلىساقلا مانا مۇشىنىڭ ئۆزى مۇھەببەت .

 

ئەسلى مەنبە:ئۇيغۇر ۋارىسلار تورى

 

2010-يىلى 7-ئىيۇن


      ئالدىنقىسى: ئەڭ ئورۇق ئادەم
      كېيىنكىسى: ئالتە شەھەرگە سەپەر


新ICP备11001356号-4   بېكەت باشلىقى : تەۋپىق (مەمەتئىلى توختى)
ئىلخەت:136257746@qq.com   ئالاقەQQنۇمۇرى:136257746   تىلفۇن: (13399792951)   

بېكەت ئەسكەرتىشى: تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان ،نەشىر ھوقوقىغا دەخلى تەرۇز قىلدىڭىز دىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،بىز شۇ مەزمۇننى بېكىتىمىزدىن پاكىز يۇيۇپ چىقىرۋىتىمىز،گۈزەل دۇنيا تور بېكىتىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئائىلىسىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىڭىزنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز

Copyright 2008 - 2011  www.tawpek.com . تەۋپىق مائارىپ All Rights Reserved.

بەتنىڭ بارلىق قانۇنىي ئىگىدارلىق نەشىر ھوقوقى  <شىنجاڭ تەۋپىق مائارىپ تور بېكىتى> گە مەنسۇپ
كۆچۈرۈپ،ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىندۇ
网站备案号:
新ICP备11001356号-4   
24 سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت تېلفونى: 13399792951 ، ئېلان مۇلازىمىتى: 13399792951